قوراللىق كىشىلەر سومالى پىرېزىدېنلىق مەھكىمىسىگە باستۇرۇپ كىرىشكە ئۇرۇندى
بىر تۈركۈم قوراللىق كىشىلەرنىڭ سومالى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
1321245
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كومىسسار مۇھەممەد ھۇسەيىن ۋەقە توغرىسىدا بايانات بېرىپ، پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ۋە ئىشخانىلىرىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان قوراللىق 5 كىشىنىڭ ئالدى بىلەن پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئالدىدىكى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمچىلارنى چېكىندۈرگەنلىكىنى، قوراللىق 3 كىشىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ، ھۇجۇمچىلاردىن ئىككىسىنىڭ بولسا، رايوندىكى بىر مېھمانخانىغا يېقىن جايدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىغا قاراپ قاچقانلىقىنى، مېھمانخانىغا كىرىشكە مۇۋەپپەق بولالمىغانلىقىنى، توقۇنۇشنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.