جەۋاد زارىف ئەسلى خىتاي، ئامېرىكا پۇقراسى شىيۇ ۋاڭنى ئامېرىكاغا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف ئامېرىكا بىلەن تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئۈچۈن تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1320647
جەۋاد زارىف ئەسلى خىتاي، ئامېرىكا پۇقراسى شىيۇ ۋاڭنى ئامېرىكاغا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەۋاد زارىف تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «گۆرۈگە تۇتۇۋېلىنغان ئىنسانلىرىمىزنى ئۆيلىرىگە قايتۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن تېخىمۇ كەڭ مەھبۇس ئالماشتۇرۇشقا تەييارمىز. بۇ جەھەتتە ھازىر توپ ئامېرىكادا» دېدى.

«ئاسىيانىڭ قەلبى ئىستانبۇل باسقۇچى؛ رەھبەرلەر يىغىنى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن جەۋاد زارىف، رايوندا دىپلوماتىك خىزمەتلەر بىلەن بەك ئالدىراش ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا (كونفىرانسقا قاتناشقان دۆلەتلەر بىلەن) كۈچلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئافغانىستاندا تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  

ئالدىنقى كۈنى جەۋاد زارىف ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنى ئاياق ئاستى قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى ئامېرىكادا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئىرانلىق پەن - تەتقىقاتچى مەسۇد سۇلايمانىنىڭ 7دېكابىر شەنبە كۈنى قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

جەۋاد زارىف سۇلايمانىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى بەدىلىگە 2016يىلى جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئىراندا نازارەتكە ئېلىنغان ئەسلى خىتاي لېكىن ئامېرىكا پۇقراسى شىيۈ ۋاڭنىڭمۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە دۆلىتىگە قايتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

جەۋاد زارىف سۇلايمانىنى تاپشۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن شىۋېيېتسارىيەنىڭ زۇرىخ شەھىرىگە ئۆزى بارغان ئىدى. 

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مەھبۇس ئالماشتۇرۇش ئۈستىدە توختىلىپ، «چەت ئەللەردە خاتا ھالدا قاماققا ئېلىنغان پۇقرالىرىمىزنى ئۆيلىرىگە قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن كۆپ خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن ئىدى. 

ئەسلى خىتاي بىراق ئامېرىكا پۇقراسى، پىرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكولتېتىنىڭ دوكتورانتى شىيۇ ۋاڭ ئوقۇش ئىشلىرىغا دائىر تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن 2016يىلى ئىرانغا بارغاندا جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەتكە ئېلىنغان ئىدى.

ئىرانلىق مەسۇد سۇلايمانى بولسا، كۆك ھۇجەيرە تەتقىقاتلىرى بىلەن تۇنۇلغان تېھراندىكى تەربىيەتى مۇدەرىس ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفىسسورى بولۇپ، ئالدىنقى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئامېرىكاغا كىرىش ئەسناسىدا، ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن ئېبمارگولارنى ئاياق ئاستى قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ چىكاگو ئايرودۇرۇمىدا نازارەتكە ئېلىنىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر