ناتو كونفېرانسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

دانىيەدە ناتو قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان كونفېرانس ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا قارشى بىر كىشىنىڭ كونفېرانستا سۆز قىلىشىنىڭ رەت قىلىنىشى سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

1319935
ناتو كونفېرانسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دانىيە ئاتلانتىك كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى لارس بانگېرت سچۇ (Lars Bangert Struwe) يازما بايانات ئېلان قىلىپ، 2019-يىلى 10-دېكابىر پايتەخت كوپېنھاگېندا ئۆتكۈزۈش پىلان قىلىنغان كونفېرانسنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ: «ئاتلانتىك كېڭىشىدىكى تەتقىقاتچى ستانلېي سلوۋن (Stanley Sloan) پىرېزىدېنت ترامپقا قارشى كىشى ئىدى. بۇ سىر ئەمەس. فەيسبۇك ۋە تۋىتتېردا ئەگەشكەن ھەممە كىشى بىلىدۇ. ستانلېي سلوۋننىڭ بىزنىڭ كونفېرانسىمىزدا سىياسىي بولمىغان ئوبيېكتىپ سۆز قىلىشىغا ئىشىنەتتۇق. سلوۋنمۇ بىزگە ۋەدە بەرگەن ئىدى. شۇڭا، سلوۋننىڭ سۆز قىلغۇچىلار ئارىسىدا بولۇشى ئۈستىدە، تا ئامېرىكا باش ئەلچىسى سلوۋننىڭ سۆز قىلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغىچە چىڭ تۇردۇق» دېدى.

بۇ ھەقتىكى باياناتتا، ئامېرىكانىڭ كوپېنھاگېندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كارلا سەندس (Carla Sands) نىڭ پىرېزىدېنت ترامپقا قارشىلىقى بىلەن تونۇلغان ستانلېي سلوۋننى رەت قىلغانلىقى ۋە بۇ سەۋەبتىن كونفېرانسنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكانىڭ كوپېنھاگېندىكى ئەلچىىانىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، كونفېرانسنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئورۇنلاردىن بولغان ئەلچىخانا بىلەن دانىيە ئاتلانتىك كېڭىشىنىڭ، كونفېرانس ئۈچۈن كەڭ نۇقتىئىينەزەرگە ئىگە بولغان سۆز قىلغۇچىلار ئۈستىدە كېلىشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا: «ستانلېي سلوۋننىڭ ئاخىرقى مىنۇتلاردا سۆز قىلغۇچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى، <كونفېرانستا سۆز قىلىدىغانلارنى بىرلىكتە بەلگىلەش قارارى> غا ئۇيغۇن ئەمەس» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر