ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئۈچ دۆلەتنىڭ رەھبىرى ئالدىمىزدىكى ئايلاردا تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 3 دۆلەتنىڭ رەھبىرىنىڭ ئالدىمىزدىكى ئايلاردا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن قايتىدىن كۆرۈشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1317770
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئۈچ دۆلەتنىڭ رەھبىرى ئالدىمىزدىكى ئايلاردا تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ۋە ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسونلار بىلەن بىرلىكتە 2020 – يىلىنىڭ دەسلەپكى ئايلىرىدا تۈركىيەدە ئەردوغان بىلەن قايتىدىن كۆرۈشىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ماكرون ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، ئەلقائىدە ۋە دائېشنىڭ دۈشمەنلىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ھالدا، «تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تېررورنىڭ بەدىلىنى ئېغىر تۆلىگەنلىكىگە بولغان ھۆرمىتىم، شۇنداقلا ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىمىز دائىرىسىدە، دائېشنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرمەسلىكى ئۈچۈن، سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ۋەزىيەتكە ئالاقىدار دىيالوگنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ» دېدى.

ئۇ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل ۋە ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسون بىلەن بىرلىكتە ئالدىنقى كۈنى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۆت تەرەپ باشلىقلار يىغىنىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «سۈرىيە، لىۋىيە ۋە باشقا تېمىلاردا تۈركىيە بىلەن دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدۇق. 2020 – يىلى ئالدىنقى ئۈچ ئېيى ئىچىدە تۈركىيەدە قايتا كۆرۈشۈشىمىز مۇمكىن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون، تۈركىيە بىلەن چۈشىنىش ھاسىل قىلىنالمىغان مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى، بىراق، دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇش لازىملىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر