ھىندىستاننىڭ 4 ئەسكىرى قار كۆچكۈنى ئاستىدا قېلىپ جېنىدىن ئايرىلدى
ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىر رايونىدىكى ئىككى جايدا يۈز بەرگەن قار كۆچكۈنى ئاستىدا قالغان 4 ئەسكەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
1317524
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۇپۋارادا 4، باندىپورېدا 2 ئەسكەر قار كۆچكۈنى ئاستىدا قالغان بولۇپ، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ناھايىتى جىددىي ھەرىكەت قىلغان بولۇشىغا قارىماي، كۇپۋارادا 3، باندىپورېدا 1 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلغان.
ئالاقىدار خادىملار، يارىدار ئەسكەرلەرنىڭ دوختورخانىلاردا بالىنسىتقا ئېلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.