ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى بەزى نامايىشچىلارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى نامايىشلار جەريانىدا، ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى تەرەپىدىن بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

1316635
ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى بەزى نامايىشچىلارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى بېنزىن باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار جەريانىدا، ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى بىلەن قورالىق توقۇنۇش قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئەنگلىيەدىن فارىسچە تارقىتىلىدىغان تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ نامايىشتا ئوينىغان رولىغا ئالاقىدار خەۋىرىدە، ماھ شەھىر، شىراز ۋە بەھبەخان شەھەرلىرىدە «مالىمانچىلار» دەپ باھا بېرىلگەن بىر گۇرۇپپا نامايىشچىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە، «قوراللىق بۆلگۈنچى» گۇرۇپپىنىڭ بەزى يوللارنى توسقانلىقى ۋە شەھەردىكى نېفىت - خېمىيە زاۋۇتىغا كىرىپ، زاۋۇتنى پارتلاتماقچى بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خەۋەردە يەنە، «ماھ شەھىردىمۇ بىر سائەتكىچە قوراللىق <مالىمانچىلار> توقۇنۇش باشلاتتى.  بۇنداق ۋەزىيەتتە ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى. 

خەۋەردە تىنچ نامايىشلارغا قاتناشقان بەزى پۇقرالارنىڭ بولسا، كىملىكى نامەلۇم گۇمانلىق كىشىلەر تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، نامايىش جەريانىدا ئاز دېگەندىمۇ 208 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە ئەسلىدە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ تەخمىن قىلىنغاندىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، بۇ ئۆلۈملەرگە جاۋاپكار كىشىلەرنىڭ ھېساب بېرىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلۈپ، بۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتچىلىك ياردەمگە چاقىرىق قىلىندى.

ئامېرىكانىڭ ئېمبارگولىرىنىڭمۇ تەسىرىدە ئىقتىسادى جەھەتتىن ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان ئىران خەلقى، 15 – نويابىردا بېنزىن باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكى جاكارلانغاندىن كېيىن، كەڭ – كۆلەملىك نامايىش باشلىغان ئىدى.

ئىراننىڭ نۇرغۇنلىغان شەھەرلىرىدە 3 كۈنگىچە داۋاملاشقان نامايىشلار ئەسناسىدا ھۆكۈمەت بىنالىرى، بانكىلار ۋە ماي قاچىلاش پونكىتلىرى زىيانغا ئۇچرىتىلغان، ھەمدە 7000 كىشى نازارەتكە ئېلىنغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر