ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دېكابىر ئېيى نۆۋەتچى باشلىقلىقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى.
1316705
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 15 ئەزاسىنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە دائىمىي ئەزاسى - ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، دېكابىر ئېيى نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى ئەنگلىيەدىن تاپشۇرۇپ ئالدى.
ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى كېللي كرافت مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ 5 – دېكابىر پەيشەنبە كۈنى ئاقسارايدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن چۈشلۈك تاماقتا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىگىلىنىشىچە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، 13 – دېكابىردا كرافتنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن كېنتاكې ئىشتاتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىكەن.
ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتچى باشلىقلىقى مەزگىلىدە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىشى كۈتۈلمەكتە.