خوڭكوڭ ۋالىيسى ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈردى

خوڭكوڭ ۋالىيسى كاررې لام، خوڭكوڭدا يېقىنقى مەزگىلدە شەكىللەنگەن «تىنجىش رايوننىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ» دېگەن ئۈمىتلەرنىڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى نامايىش ۋە توقۇنۇش سەۋەبىدىن ۋەيران بولغانلىقىنى ئېيتتى.

1316914
خوڭكوڭ ۋالىيسى ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوڭكوڭ ۋالىيسى كاررې لام، ئامېرىكا پالاتاسىنىڭ ھەر ئىككى قانىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن «خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇنى لايىھەسى تەكلىپى» بىلەن بىرگە زراۋانلىقنىڭمۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى. 

كاررې لام ئېلان قىلغان باياناتىدا، «خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇنى لايىھەسى تەكلىپى» نىڭ ئىشەنچنى يوقۇتۇپ، ئېنىقسىز خىزمەت مۇھىىتى يارىتىدىغان شەكىلدە رايوننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالغانلىق بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

كاررې لام خوڭكوڭدا مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىدىكى نامايىشلاردا نامايىشچىلار بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇشنىڭ، يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيانقى «تىنجىش رايوننىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ» دېگەن ئۈمىتلەرنى ۋەيران قىلىپ تاشىلغانلىقىنى ئېيتتى.  

كاررې لام ھۆكۈمەتنىڭ پات يېقىندا سودا سانائەت ساھەسى بىلەن بىرلىكتە ئىقتىسادىي جەھەتتە ياخشىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە لايىھلەرنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە، 4باسقۇچلۇق تەدبىرلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭمۇ تۈنۈگۈن ئامېرىكادا تەستىقلانغان «خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇنى لايىھەسى تەكلىپى» نىڭ خوڭكوڭنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلىشىۋالغانلىق بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇ قانۇن تەكلىپىگە جاۋابەن ئامېرىكانىڭ ھەربىي پارخوتلىرى ۋە ئايروپىلانلىرىنىڭ خوڭكوڭدا ئۆتكۈزمەكچى بولغان زىيارەتلىرىنى توختىتىپ قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن ئالدىنقى ئاي ئىمزالانغان «خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇنى لايىھەسى تەكلىپى» خوڭكوڭدا نامايىشچىلارغا زورۋانلىق قىلغان ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر