ئىيوردانىيەدە بىر ئۆيدە 13 پاكىستانلىق جېنىدىن ئايرىلدى

ئىيودانىيەنىڭ غەربىدىكى ئەلكەرامە رايونىدا بىر ئۆيگە ئوت كېتىپ، 13 پاكىسىتان پۇقراسىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1315963
ئىيوردانىيەدە بىر ئۆيدە 13 پاكىستانلىق جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بېلكا ۋىلايەتلىك ئوت ئوچۇرۇش ئەترىتى بۈگۈن ئەتىگەن ئىيودانىيەنىڭ غەربىدىكى ئەشۇنا ئەل جەنۇبىيە شەھىرىگە قاراشلىق ئەلكەرامە رايونىدا بىر ئۆيگە ئوت كېتىش ۋەقەسىگە مۇداخىلە قىلغان.

ئېتىزلىققا تۇنىكا ۋە تاخىتىلار ئارقىلىق كەپە شەكلىدە ياسالغان ھەمدە ئىككى ئائىلە تۇرۇۋاتقان مەزكۇر ئۆيدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىدە 13 نەپەر پاكىستان پۇقراسى كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەن ۋە 3 كىشى يارىدرار بولغان.

ئوت كېتىشنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئالاقىدار ئورگانلار تەرىپىدىن بىر كومىتېت قۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

1970يىلىدىن بۇيان پاكىستانلىقلار ئىيوردانىيە ۋادىسىدىكى ئاغۋار رايونىدا ئېتىزلاردا ئىشلەش ئۈچۈن ھەر يىلى ئىيۇردانىيەگە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر