ئىراندا نامايىش سەۋەبىدىن ئىنتېرنېتنىڭ چەكلىنىشى ئېغىر ئىقتىسادىي زىيانغا يول ئاچتى

ئىنتېرنېتنىڭ چەكلىنىشى تۈپەيلىدىن كۆچمە خەۋەرلىشىش ئىستانسىلىرىنىڭ 90 مىليون دوللار زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ۋە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ تېخىمۇ كاۆپ زىيان تارقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1315908
ئىراندا نامايىش سەۋەبىدىن ئىنتېرنېتنىڭ چەكلىنىشى ئېغىر ئىقتىسادىي زىيانغا يول ئاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسى مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد ئازەرى چېھرومى بېنزىن باھاسىنىڭ ئۆرلىتىلىشىگە قارشى نامايىشلار جەريانىدا، دۆلەت مىقياسى بويىچە ئىنتېرنېتنىڭ ئۈزۈپ تاشلانغانلىقى سەۋەبىدىن يان فون، كۆچمە خەۋەرلىشىش ئىستانسىلىرىنىڭ 90 مىليون دوللار زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى.

 مىنىستىر مۇھەممەد جەۋاد ئازەرى چېھرومى ئىرانلىق ئوقۇغۇچىلار خەۋەر ئاگېنتلىقى «ISNA» غا بەرگەن باياناتىدا، ئىنتېرنېتنىڭ چەكلىنىشى سەۋەبىدىن سودا پائالىيەتلىرىنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق قىلىدىغان شىركەتلەر ۋە سودىگەرلەرنىڭ ئەڭ كۆپ زىيان تارتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سودا ئۇيۇشمىلىرى ۋە سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇزاكىرىلەردىن كېيىن بۇلارنىڭ تارتقان زىيانلىرىنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇچۇر ئالاقىنى رەتكە سېلىش ئورگىنىنىڭ دوكلاتىدا، يان فون، كۆچمە خەۋەرلىشىش ئىستانسىلىرىدىكى مۇلازىمەت توختاپ كېتىشى سەۋەبىدىن 90 مىليون دوللار زىيان تارتقانلىقى ۋە ئىران دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسىنىڭ كۈندىلىك كىرىمنىڭمۇ %40 تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى

ئىراندا دۆلەت مىقياسىغا كېڭىيىپ كېتىۋاتقان نامايىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىران دۆلەت بىخەتەرلىك ئالىي كېڭىشى تەرىپىدىن ماقۇللانغان قارارغا بىنائەن 16 - نويابىردا ئىنتېرنېت ئۈزۈپ تاشلانغانچە 25 نويابىردا بەزى رايونلاردا سىملىق لېنىيە ئارقىلىقلا ئىنتېرنېتنى ئىشلىتىشكە يول قويۇلغان ئىدى.

يان فونلارنىڭ ئىنتېرنېت ئۇلىنىشى بولسا، يايتەخت تېھراننىڭ غەربىي رايونى بىلەن ھۇزىستان ۋە سىسىتان بېلۇچىستان ئۆلكىلىرىدە تېخىچە ئەسلىگە كەلگىنى يوق.

ئامېرىكا يۈرگۈزگەن ئېمبارگولارنىڭمۇ تەسىرىدە ئىقتىسادى جەھەتتىن ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان ئىران خەلقى، 15نويابىردا بېنزىن باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكى جاكارلانغاندىن كېيىن، كەڭ كۆلەملىك نامايىش باشلىغان ئىدى.

ئىراننىڭ نۇرغۇنلىغان شەھەرلىرىدە 3 كۈنگىچە داۋاملاشقان نامايىشلار ئەسناسىدا ھۆكۈمەت بىنالىرى، بانكىلار ۋە ماي قاچىلاش پونكىتلىرى زىيانغا ئۇچرىتىلغان شۇنداقلا سودا سارايلار تالان تاراچ قىلىنغان ئىدى.

نامايىشقا چېتىشلىق 7000 كىشى نازارەتكە ئېلىنغانلىقى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ نامايىشلاردا ئاز دېگەندە 161 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر