مالايشىيانىڭ شىمالىدا سۇ ئاپىتى يۈز بەردى

مالايشىيانىڭ شىمالىغا جايلاشقان تېرېڭگانۇ (Terengganu) ۋە كېلانتان (Kelantan) ئىشتاتلىرىدا، شىددەتلىك ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن سۇ ئاپىتى يۈز بېرىپ، 11 مىڭ 443 كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى.

1315699
مالايشىيانىڭ شىمالىدا سۇ ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيانىڭ شىمالىغا جايلاشقان تېرېڭگانۇ (Terengganu) ۋە كېلانتان (Kelantan) ئىشتاتلىرىدا، شىددەتلىك ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن سۇ ئاپىتى يۈز بېرىپ، 11 مىڭ 443 كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى.

مالايشىيا تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، تېرېڭگانۇ ئىشتاتىدا ھەپتە ئاخىرىدىن بۇيان تارقاقلاشتۇرۇلغان كىشىلەرنىڭ سانى 5 مىڭ 807 گە يەتكەن. كېلانتاندا ھازىرغىچە 5 مىڭ 636 كىشى ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتنىڭ قوغداش مەركەزلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

كېلانتان ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت ئىشتات مىقياسىدا سۇ سەۋىيەسىنىڭ خەتەر پەيدا قىلىدىغان دەرىجىدە ئۆرلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

كېلانتان ئىشتاتىدىكى ئەڭ چوڭ دەريالاردىن بىر بولغان گولوك (Golok) نىڭ سۇ سەۋىيەسىنىڭ خەتەر چېكى بولغان توققۇز مېتىردىن ئېشىپ، 10.47 مېتىرغا يەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى. ئىشتاتتىكى باشقا بەش دەريادىمۇ سۇ سەۋىيەسىنىڭ خەتەر چېكىدىن ئاشقانلىقى قەيت قىلىندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر