ئامېرىكا: ئاساسىي قانۇن كومىتېتىغا ئەسەد ھاكىمىيىتى پۇتلىكاشاڭ بولۇۋاتىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى مۇساپىسىنىڭ ئىلگىرىلىيەلمەسلىكىنىڭ جاۋابكارىنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1315370
ئامېرىكا: ئاساسىي قانۇن كومىتېتىغا ئەسەد ھاكىمىيىتى پۇتلىكاشاڭ بولۇۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس، شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى مۇساپىسىنىڭ ئىلگىرىلىيەلمەسلىكىنىڭ جاۋابكارىنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مورگان ئورتاگۇس، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى بىناسىدا ئۆتكەن ھەپتە باشلىنىشى پىلانلىنىۋاتقان سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى يىغىنلىرى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس بىلەن ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى گېئىر پېدېرسوننىڭ سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدۇ. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىلگىرى سۈرگەن ئالدىنقى شەرتلەر، كومىتېتنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى ئوچۇق – ئاشكارا دەپسەندە قىلماقتا ۋە ئاستانا گۇرۇپپىسى بىلەن سۈرىيە <كىچىك گۇرۇپپىسى> تەرىپىدىن قوللاپ – قۇۋۋەتلەنگەن خىزمەتلەرنى كېچىكتۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

پەقەت ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254 – نومۇرلۇق قارارىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئورتاگۇس، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە دۆلەت مىقياسىدا ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنىشىنىڭ، تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنىڭ، دۆلەتتە ئەركىن ۋە ئادىل سايلام ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن مۇۋاپىق مۇھىتنىڭ يارىتىلىشىنىڭمۇ ئاچقۇچلۇق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر