ئىراقتىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلاردا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

ئىراقنىڭ زىكار ۋە نەجەف ۋىلايەتلىرىدە ساقچىلارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارغا مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە 25 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1315142
ئىراقتىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلاردا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دوختۇرخانا مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نەجەف شەھىرىدە ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 203 كىشى يارىلانغان. زىكار ۋىلايىتىدە بولسا 20 كىشى ئۆلگەن، 160 كىشى يارىلانغان.

زىكار ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ئەلقۇرەيشى،  زىكار ۋىلايىتىدە نامايىش جەريانىدا كۆپ ساندا نامايىشچىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،  ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر