ئىراقنىڭ شىئە رەھبىرى ھۆكۈمەتنى ئىستېپاغا چاقىردى

ئىراقتا سادر ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى مۇقتەدا ئەسسادر ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلاردا كۆپ قان ئاقماسلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمەتنى دەرھال ئىستېپاغا چاقىردى.

1314618
ئىراقنىڭ شىئە رەھبىرى ھۆكۈمەتنى ئىستېپاغا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ شىئە رەھبىرى مۇقتەدا ئەسسادر تۋىتېتردا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپا بەرمەسلىكى ئىراقتا ئاخىرقى كۈننىڭ باشلانغۇچى بولىدۇ. پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن ھۆكۈمەتنى قوللىمايمەن ۋە ئۇلار بىلەن ھېچقانداق بىرلەشمە ھۆكۈمەت ياكى سايلامغا قاتناشمايمەن» دېدى.

مۇقتەدا ئەسسادر ئىراننىڭ نەجەف كونسۇلخانىسىغا ئوت قويۇپ بېرىلىشى ئۈستىدە توختىلىپ: «دۆلىتىمىز ئىككىنچى سۈرىيەگە ئايلانماسلىقى لازىم» دېدى.

2019-يىلى 1-ئۆكتەبىر ئىراقتا، ئىشسىزلىق، پارىخورلۇق ۋە ئاممىۋى خىزمەتلەرنىڭ يېتەرسىزلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە باشلانغان نامايىشلاردا، بۈگۈنگىچە 300 دىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 15 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.

ئېلان قىلىنغان ئىسلاھات پىلانلىرىغا قايىل بولمىغان نامايىشچىلار، خەۋپسىزلىك تارماقلىرىغا نامايىشلاردا زوراۋانلىق قىلىش توغرىدا يوليورۇق بېرىش بىلەن ئەيىبلەنگەن باش مىنىستىر ئادىل ئابدۇلمەھدى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر