شىمالىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى

شىمالىي كورېيە، دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان جەنۇبىي ھامگيوڭ ئۆلكىسىدىن شەرقىي دېڭىزغا قارىتىپ ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى جەزملەشتۈردى.

1314847
شىمالىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە خەۋەر ئاگېنتلىقى – يونخاپنىڭ كورېيە مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (KCNA) نى مەنبە قىلىپ بەرگەن خەۋىرىدە، شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇننىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن «پەۋقۇلئاددە – چوڭ» كۆپ ئوق ئېتىش ئىقتىدارىغا ئىگە راكېتامىيوت ئاتارىنى سىناق قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

خەۋەردە، مۇداپىئە پەنلىرى ئاكادېمىيەسىنىڭ راكېتامىيوت ئاتارلارنى ئۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆلچەش مەقسىتىدە سىناق قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى ۋە كىم جوڭئۇننىڭ نەتىجىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

جەنۇبىي كورېيە باش قوماندانلىق ئىشتابى بولسا، سىناق قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ 380 كىلومېتىرغا يېقىن جايغا يېتىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، سىناقنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى سۈركىلىشنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈش تىرىشچانلىقلىرىغا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ: #بومبا , #كورېيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر