ئىران: CIA بىلەن چېتىشلىق 8 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

ئىران دائىرىلىرى، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە قارشى نامايىشلار دائىرىسىدە 8 ئادەمنى ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى – CİA بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ نازارەت ئاستىغا ئالدى.

1314052
ئىران: CIA بىلەن چېتىشلىق 8 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر كىشىلەرنىڭ ئالتىسىنىڭ نامايىشلاردا ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى – CİA نىڭ يوليورۇقلىرىنى ئورۇندىغانلىقىنى، ئىككىسىنىڭ بولسا، چەت ئەلگە ئۇچۇر يوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ژۇرنالىست تۈسىگە كىرىۋېلىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان مەزكۇر كىشىلەرنىڭ CİA دىن ئىقتىسادىي ياردەم ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكا ئېمبارگولىرىنىڭ تەسىرىدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىران خەلقى، 15 – نويابىردا نېفىت باھاسىنىڭ ئۈچ ھەسسە ئاشۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈشنى باشلىۋەتكەنىدى.

نامايىشلار جەريانىدا بىر قاتار شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت بىنالىرى، بانكىلار، ماي ئىسكىلاتلىرى ۋە تاللا بازارلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ۋەقەلەر ئەسناسىدا كەم دېگەندە 143 نامايىشچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.


خەتكۈچ: #CIA , #نامايىش , #ئىران

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر