رەسۇلەيندە ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك سۈرىيەنىڭ رەسۇلەين ناھىيەسىنىڭ تەل ھالەف يېزىسىدا ناھايىتى ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى پەيدا قىلدى.

1313077
رەسۇلەيندە ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك نىڭ سۈرىيەنىڭ رەسۇلەين ناھىيەسىنىڭ تەل ھالەف يېزىسىدا سادىر قىلغان ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا 17 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 20 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقو تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، «تەلۋىلىكتە دائېشتىن قېلىشمايدىغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ، فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى بىگۇناھ پۇقرالارغا ئاپتوموبىل بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بوۋاق قاتىللىرى بۇ قېتىم رەسۇلەيننىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان تەل ھالەف يېزىسىدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى پەيدا قىلىپ، 17 ئادەمنى قەتل قىلدى، 20 دىن ئارتۇق ئادەمنى يارىلاندۇردى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر