كولومبىيەدىكى نامايىشلارنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە

كولومبىيەدە ئومۇمىيۈزلۈك ئىش تاشلاش بىلەن باشلانغان نامايىشلاردا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى تۆتكە يەتتى.

1313269
كولومبىيەدىكى نامايىشلارنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2019-يىلى 21-نويابىر مائاش ۋە پېنسىيونىرلارغا مۇناسىۋەتلىك پىلانى سەۋەبىدىن ئېلان قىلىنغان ئومۇمىيۈزلۈك ئىش تاشلاش بىلەن باشلانغان ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ دىيالوگ چاقىرىقلىرىغا قارشى پايتەخت بوگوتانى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شەھەرلەردە داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلاردا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە.

ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ۋە ئوقۇغۇچى گۇرۇپپىلىرى كەڭ كۆلەمدە قاتناشقان نامايىشلاردا جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى، ساقچىلارنىڭ قاتتىق باستۇرۇشى بىلەن يارىلانغان 18 ياشلىق نامايىشچى دىلان ماۋرىكو كرۇز (DilanMauricioCruz) نىڭ ئۆلۈشى بىلەن تۆتكە چىقتى.

دىلان ماۋرىكو كرۇز شەنبە (23-نويابىر) بوگوتانىڭ تارىخىي مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن پىيادە يۈرۈشتە، ساقچىلار ئاتقان ياش ئاققۇزۇش بومبىسى كاپسۇلىنىڭ بېشىغا تېگىشى بىلەن ئېغىر يارىلانغان ئىدى.

سانى كۆپ بولمىغان كىچىك بىر گۇرۇپپىنى ساقچىلارنىڭ قاتتىق باستۇرۇشى كولومبىيەدە نارازىلىق قوزغىغان بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپ ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى باشلىغان ئىدى.

كولومبىيە ھۆكۈمىتى دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنى سىناشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

كولومبىيە پىرېزىدېنتى ئىۋان دۇگې (Ivan Duque)  بىر قانچە كۈن بۇرۇن يېڭى يىلىنىڭ كىرىشى بىلەن ۋەزىپىسىنى باشلايدىغان ۋە سايلانغان يەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ ئارقىدىن ئومۇمىيۈزلۈك ئىش تاشلاشنى قارار قىلغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەنمۇ بوگوتادا كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر