پاكىستان: قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قىلمىشىغا بولغان نارازىلىقىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى

پاكىستان نورۋېگىيەدىكى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش ۋەقەسىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇشنى قارار قىلدى.

1311986
پاكىستان: قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قىلمىشىغا بولغان نارازىلىقىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان، نورۋېگىيەدىكى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قىلمىشىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

پاكىستان ئۇچۇر – ئالاقە ۋە مەتبۇئات ئىشلىرى مىنىستىرى فىردەۋس ئاشىق ئاۋان، پاكىستاننىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ھەرىكىتى پارتىيەسىنىڭ، باش مىنىستىر ئىمران خان رىياسەتچىلىكىدىكى يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، يىغىندا نورۋېگىيەدىكى قۇرئان كەرىم كۆيدۈرۈش ۋەقەسىنىڭ ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «پاكىستان، مۇسۇلمانلارنى دىلىنى ئاغرىتقان بۇنىڭغا ئوخشاش قىلمىشلارنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنىشى ۋە قايتىدىن يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن، مەسىلىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ» دېدى.

پاكىستان تۈنۈگۈنمۇ نورۋېگىيەنىڭ ئىسلامئابادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتىپ، ۋەقە توغرىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە باش ئەلچىدىن ئىسلامئابادنىڭ نارازىلىقىنى نورۋېگىيە دائىرىلىرىگە يەتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

نورۋېگىيەنىڭ كۆچمەنلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كىرىستىئانساند شەھىرىدە 16 – نويابىردا ئاشقۇن ئوڭچىل ئىدىيەدىكى «نورۋېگىيەنىڭ ئىسلاملىشىشىنى توختىتىڭلار گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى لارس تورسېن قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈشكە ئۇرۇنغانىدى.

لارس تورسېنغا مۇداخىلە قىلغان سۈرىيەلىك ياش ئۆمەر دابا نورۋېگىيەنىڭ UTROP ژۇرنىلىغا بايانات بېرىپ، ساقچىلارنىڭ نامايىشتىن ئىلگىرى قۇرئان كەرىمنىڭ كۆيدۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە يوق قويغانلىقىنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر