مىچەل بلومبېرگ ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىكى نامزاتلىقىنى ئېلان قىلدى

مىچەل بلومبېرگ دونالد ترامپنى تەنقىدلەپ، «دونالد ترامپ دۆلىتىمىزگە ۋە قىممەت قاراشلىرىمىزغا نىسبەتەن بىر مەۋجۇتلۇق تەھدىتىدۇر» دېدى.

1311921
مىچەل بلومبېرگ ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىكى نامزاتلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا سابىق نىيۇ يورك شەھەر باشلىقى مىچەل بلومبېرگ 2020يىلىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرى ئۈچۈن دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن رەسمىي ھالدا نامزات نامزاتى بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مىچەل بلومبېرگ ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، «دونالد ترامپنى يېڭىش ۋە ئامېرىكانى يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىقى سايلىمىدا رىقابەتكە چۈشىمەن» دېدى.

مىچەل بلومبېرگ، ئەگەر دونالد ترامپ يەنە 4 يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن تەقدىردە، ئۇنىڭ پەرۋاسىز ۋە ئەخلاقسىز پوزىتسىيەلىرىگە چېداپ تۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «دونالد ترامپ دۆلىتىمىزگە ۋە قىممەت قاراشلىرىمىزغا نىسبەتەن بىر مەۋجۇتلۇق تەھدىتىدۇر. ئەگەر يەنە بىر نۆۋەت سايلاملاردا ئۇتۇققا ئېرىشسە، ئۇنىڭ سالىدىغان زىيانلىرىنى بىر تەرەپ قىلالماي قالىمىز» دېدى.

77 ياشلىق مىچەل بلومبېرگ تەخمىنەن 36 مىليارد دوللارلىق مەبلىغى بىلەن دۇنيا بويىچە ئەڭ باي كىشىلەرنىڭ بىرسى بولۇپ، 2003يىلىدىن 2013يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە نىيۇ يورك شەھەر باشلىقلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىدى.

ئامېرىكىدا 2020يىلى 3 - نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىدا، دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن نامزات نامزاتى كۆرسىتىلگەن مىچەل بلومبېرگدىن باشقا يەنە 17 نامزات نامزاتى رىقابەتكە چۈشىدۇ. 

ھازىرقى راي سىناشلارغا قارىغاندا، باراك ئوبامىنىڭ دەۋرىدە مۇئاۋىن پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن جو بايدىن ھەممىنىڭ ئالدىدا ئىكەن.

جو بايدىننىڭ ئارقىدىن رەت بويىچە، ماسساچۇسېتس پالاتا ئەزاسى، ئېلزابېت ۋاررېن 2 - ۋە ۋېرمونت پالاتا ئەزاسى بېرنې ساندېرس 3ئورۇندا تۈرىدىكەن.

   

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر