خوڭكوڭدىكى سايلامدا خىتاي تەرەبدارلىرى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى

خىتاي تەرەپدارلىرى، %12.8 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئاران 58 ئورۇندۇقنى قولغا كەلتۈرگەن بولسا، خىتايغا قارشى دېموكراتىيە تەرەپدارلىرى %76.1 ئاۋازغا ئېرىشىپ، 452 ئۇرۇندۇقتىن 344 ئۇرۇندۇقنى قولغا كەلتۈردى.

1311745
خوڭكوڭدىكى سايلامدا خىتاي تەرەبدارلىرى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا قانچىلىغان ئايلاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا تۈنۈگۈن (2019-يىلى 24-نويابىر) ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك سايلاملاردا، دېموكراتىيە تەرەپدارلىرى خىتاي تەرەپدارلىرىدىن مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ، پارلامېنتتىكى ئورۇننىڭ  ئاساسلىق كۆپ قىسمىنى قولغا كۈلتۈردى.

دېموكراتىيە تەرەپدارلىرى جەمئىي 7 مىليون 400 مىڭ نوپۇسقا ئىگە خوڭكوڭنىڭ 18 سايلام رايونىدا 452 پارلامېنت ئەزاسى بەلگىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك سايلاملاردا غەلىبىگە ئېرىشىپ، كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلامدىن ئىلگىرى بېلەكلىرىنى كۈچلەندۈردى.

سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ %71.2 بولغانلىقى 4 مىليون 130 مىڭ سايلىغۇچىدىن 2 مىليون 940 مىڭ سايلىغۇچىنىڭ ساندۇققا بېلەت تاشلىغانلىقى، خوڭكوڭ پارلامېنت ئەزالىرى ئورۇندۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشتە، ئەسلىدىكى خىتاي تەرەپدارلىرىنىڭ ئۇستۈنلۈكىگە خاتىمە بېرىلىپ، دېموكراتىيە تەرەپدارلىرىنىڭ ئۇتۇققا ئېرىشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خوڭكوڭ تىزىملاش ۋە سايلام ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، دېموكراتىيە تەرەپدارلىرى 18 سايلام رايونىنىڭ 17 سىنىڭ كونتروللۇقىنى قولىغا ئالغان.

خىتايغا قارشى دېموكراتىيە تەرەپدارلىرى جەمئىي %76.1 ئاۋازغا ئېرىشىپ، 452 ئورۇندۇقتىن 344 ئورۇندۇقنى قولغا كەلتۈرگەن.

خىتاي تەرەپدارلىرى، %12.8 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئاران 58 ئورۇندۇقنى قولغا كولتۈرەلىگەن. مۇستەقىل نامزاتلار بولسا، %9.1 ئاۋازغا ئېرىشىپ 41 ئورۇندۇققا ئېرىشكەن.

يەرلىك سايلامدا غەلىبە قىلغان نامزاتلار ئۆزلىرى ۋەكىللىك قىلىدىغان رايونلاردا تۇرۇشلۇق خەلقنىڭ نامىدىن 1200 كىشىلىك كومىتېتقا كىرىپ، ھۆكۈمەتنى بەلگىلەش ئۈچۈن بېلەت تاشلاش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر