ماراكەشتە بېلىقچىلار پاراخوتى كۆمتۈرۈلۈپ كەتتى
ماراكەشنىڭ جەنۇبىدىكى سىدى ئىفنى رايونى ساھىلىدا بىر بېلىقچىلار پاراخوتىنىڭ كۆمتۈرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1311071
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماراكەشنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (MAP) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى سىدى ئىفنى رايونى ساھىلىدا بىر بېلىقچىلار پاراخوتى كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەن، قازادا ئىككى كىشى ئۆلگەن، 14 كىشى يوقاپ كەتكەن. 19 – نويابىر كۈنى تانتان پورتىدىن دېڭىز سەپىرىگە ئاتلانغان بېلىقچىلار پاراخوتى ۋەقەسىدە يوقاپ كەتكەن 14 بېلىقچىنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.