ئىدلىبتىكى چېدىر لاگېرى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ب د ت سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدلىبتىكى بىر چېدىر لاگېرىدا 12 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

1310558
ئىدلىبتىكى چېدىر لاگېرى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى پېدېرسېن (Pedersen) نىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى ناجات روچدى (Najat Rochdi) ئىككى كۈن ئىلگىرى (20-نويابىر) ئىدلىبنىڭ شىمالىغا جايلاشقان كاھ يېزىسىغا جايلاشقان چېدىر لاگېرىغا قىلىنغان ۋە 12 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ھۇجۇم توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، رايوندىن ئېلىنغان خەۋەرلەردە، بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ چېدىر لاگېرىغا قارىتىپ ئېتىلغانلىقى ۋە بومبىنىڭ تۇغۇت دوختۇرخانىسىغا يېقىن جايغا چۈشۈپ پارتلىغانلىقىنىڭ بىلدۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«كىشىلەر كۆپ بولغان چېدىر لاگېرىغا قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ھۇجۇمدا 12 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغاندىن سىرت، 50 ئادەم يارىلاندى. جېنىدىن ئايرىلغانلار ئىچىدە كىچىك بالىلارمۇ بار.»

باياناتتا، لاگېردىكىلەرنىڭ ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقى، بەزى كىشىلەرنىڭ بىر قانچە قېتىم يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە بۇلارنىڭ ئىنتايىن قىيىن شارائىتتا ياشايدىغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، ھاۋا تېمپېراتۇراسى تۆۋەنلىگەن بۇنداق ئەھۋالدا ھۇجۇم قىلىنىپ، چېدىر ۋە باشقا پاناھلىنىش جايلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

باياناتتا، 1989-يىلى 20-نويابىر ب د ت دا بالىلار ئەھدىنامىسىنىڭ ئىمزالانغانلىقى خاتىرىلىتىلىپ، ھۇجۇمنىڭ 20-نويابىر دۇنيا بالىلار ھەق-ھوقۇقى كۈنىدە قىلىنغانلىقىنىڭ، كىشىنى قاتتىق ئەندىشەلەندۈرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

«سۈرىيەدە يۈز بەرگەن ئىنسانىي تىراگېدىيە ئاخىرلىشىشى كېرەك» دېيىلگەن باياناتنىڭ ئاخىرىدا، پۇقرالارغا ۋە ئاممىۋى ئەسلىھەلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇملار  تەكشۈرۈشىنى باشلاش چاقىرىق قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر