بولىۋىيە نامايىشچىلىرى ئادالەت يۈرۈشى قىلدى

بولىۋىيەدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ 19-نويابىر (2019) باشلىغان ھەرىكەتلىرىدە جېنىدىن ئايرىلغان پۇقرالارنىڭ مېيىتى توشۇلغان ئادالەت يۈرۈشى، ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى.

1310638
بولىۋىيە نامايىشچىلىرى ئادالەت يۈرۈشى قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆكتىچىلەر ۋە ئارمىيەنىڭ بېسىمى بىلەن ھوقۇقىدىن ئىستېپا بەرگەن پىرېزىدېنت ئېۋو مورالېس (Evo Morales) نىڭ ئورنىغا ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت بولغان جېناينې ئانېز (Jeanine Anez) غا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن ئېل ئالتو شەھىرى (El Alto) دە، خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن بولغان سۈركىلىشتە جېنىدىن ئايرىلغان توققۇز نامايىشچى ئۈچۈن پايتەخت سۇكرېدا مۇراسىم ۋە پىيادە يۈرۈش ئۆتكۈزۈلدى.

مىڭلارچە كىشى قاتناشقان ۋە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يەتتىسىنىڭ مېيىتى توشۇلغان ئادالەت يۈرۈشى، ۋەقەلەر يۈز بەرگەن ئېل ئالتو شەھىرىدىن باشلىنىپ، پايتەخت سۇكرېنىڭ مەركىزىدىكى مەيدانغىچە داۋاملاشتى. «ئادالەت تەلەپ قىلىمىز»، «ئانېز يوقالسا تىنچلىق كېلىدۇ» دېگەندەك شوئارلار توۋلانغان يۈرۈش، سۇكرې شەھەر مەيدانىغا كەلگەندە ساقچى-ئەسكەرلەرنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى.

ساقچىلار نامايىشچىلارغا ئىككى سائەتكە يېقىن توسقۇنلۇق قىلدى. چىققان سۈركىلىشلەردە، بىر كىچىك قىز بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت كىشىنىڭ يەڭگىل يارىلانغانلىقى، سەككىز كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بولىۋىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى 19-نويابىر ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت ئانېزنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان سابىق پىرېزىدېنت مورالېسنىڭ قوللىغۇچىلىرى نامايىش قىلغان ئېل ئالتو شەھىرىدىكى سېنكاتا مەھەللىسىدە تىنىتىش ئېلىپ بارغان ئىدى. چىققان ۋەقەلەردە توققۇز كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، 60 تىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن، بولىۋىيەدە 800 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان زوراۋانلىق دولقۇنلىرىدا جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 33 كە چىققان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر