ئىسىرائىلىيە ئايروپىلانلىرى سۈرىيەۋە ئىران ھەربىي نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلدى

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىغا ئورۇنلاشقان ئىران ۋە سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئونلارچە ھەربىي نۇقتىلىرىنىڭ ھاۋادىن بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1309290
ئىسىرائىلىيە ئايروپىلانلىرى سۈرىيەۋە ئىران ھەربىي نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئاۋىچاي ئادرائې (Avichay Adraee) تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسىرائىلىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ سۈرىيە ئارمىيەسى ۋە سۈرىيەگە ئورۇنلاشقان ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىغا قاراشلىق قۇددۇس كۈچىنىڭ ئونلارچە ھەربىي نۇقتىسىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ باياناتىدا، ئىسىرائىلىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ قۇرۇقلۇقتىن ھاۋاغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سۇپىلىرى، ھەربىي قوماندانلىق ئىشتابلىرى، ھەربىي بازىلار ۋە قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مەزكۇر بومباردىمانلارنىڭ تۈنۈگۈن (19-نويابىر) سۈرىيەدىن ئىسىرائىلىيە رايونلىرىغا قىلىنغان راكېتامىيوت ھۇجۇملىرىغا بېرىلگەن جاۋاب ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

سۈرىيە سانا (SANA) خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىسىرائىلىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ دەمەشىق ئەتراپىدىكى بەزى نۇقتىلارنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سۈرىيە ھاۋا قوغدىنىش سىستېمىلىرىنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ھۇجۇمغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر