UNICEF: يەمەندە 12 مىليون بالا جىددىي ياردەمگە مۇھتاج

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوند جەمئىيتى (UNICEF) يەمەندە 12 مىليون بالىنىڭ جىددىي ياردەمگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1309586
UNICEF: يەمەندە 12 مىليون بالا جىددىي ياردەمگە مۇھتاج

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوند جەمئىيتىنىڭ يەمەن ۋەكىلى سارا بېيسولوۋ نيانتىنىڭ، «20 – نويابىر دۇنيا بالىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا ئەسكەرتىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى ئىمزالىغان «بالىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش شەرتنامىسى» غا قارىماي يەمەن بالىلار ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ ناچار دۆلەتلەردىن بىرى ئىكەن.

ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي خىزمىتى پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان بولۇپ، يەمەندە تەخمىنەن 12 مىليون يەنى يەمەنلىك ھەربىر بالا جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە مۇھتاج ئىكەن.

گەرچە يەمەن دائىرىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تەرەپلەر بالىلار ھەققىدە بىرقاتار ئەھدىلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھېچبىرى ئەھدىسىگە ۋاپا قىلمىغان.

ئىگىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى «بالىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش» قا دائىر شەرتنامىنى ئىمزالىغان 1989 – يىلى 20 – نويابىردىن بۇيان ھەر يىلى 20 – نويابىر «دۇنيا بالىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش كۈنى» سۈپىتىدە تەبرىكلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر