گوللاندىيەلىك ئىككى تېررورچى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلدى

تۈركىيە گوللاندىيەلىك ئىككى تېررورچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى.

1309583
گوللاندىيەلىك ئىككى تېررورچى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چەت ئەللىك تېررورچىلارنى ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇش خىزمىتى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ دائىرىدە تۈنۈگۈن گوللاندىيەلىك ئىككى تېررورچى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان.

گوللاندىيە تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، سۈرىيەدىن تۈركىيەگە ئۆتكەن ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئىككى دائېشچى ئايال تېررورچى تۈنۈگۈن كەچتە ئامستېردام سچىپھول ئايرودۇرۇمىدا قولغا ئېلىنغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، 3 ۋە 4 ياشلاردىكى بالىسى بار 25 ياشلىق دائېشچى ئايال ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرلىرى گوللاندىيەنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىخانىسىغا ئىلتىماس سۇنغان، يەنە بىر ئايال بولسا، 2018 – يىلى يانۋاردا تۈركىيەدە قولغا ئېلىنغان.

تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائېشچى بۇ ئىككى ئايال تېررورچى جۈمە كۈنى روتتېردام سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، 11 – 19 – نويابىر كۈنلىرى گېرمانىيەلىك 10، دانىيەلىك بىر، ئەنگلىيەلىك بىر، ئامېرىكىلىق بىر ۋە گوللاندىيەلىك ئىككى تېررورچى تۈركىيە تەرىپىدىن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان بولۇپ، تۈركىيەدىكى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇۋېتىش مەركىزىدە يەنە دۆلەت تەۋەلىكى ئېنىق 39، ۋەتەنسىز بىر، دۆلەت تەۋەلىكى تەكشۈرۈلۈۋاتقان 944 چەت ئەللىك تېررورچى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر