ياپونىيەدە ھەر 10 شىركەتنىڭ بىرسىدە ئاياللار ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كېيىشكە مەجبۇر

ياپونىيەدە ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيەدىكى ھەر 10 شىركەتنىڭ بىرسىدە ئاياللارنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كېيىشى مەجبۇرىي رەسمىيەت ئىكەن.

1309022
ياپونىيەدە ھەر 10 شىركەتنىڭ بىرسىدە ئاياللار ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كېيىشكە مەجبۇر

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە ئىشچى ئۇيۇشمىلىرى فېدېراتسىيەسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش دائىرىسىدىكى راي سىناشقا قاتناشقان 1000 كىشىدىن 12 كىشىنىڭ كېيىم كېچەك بەلگىلىمىلىرىنى «مۇناسىپ ئەمەس» دەپ قارايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

راي سىناسقا قاتناشقۇچىلارنىڭ %57 ى كېيىم - كېچەك بەلگىلىمىسى دېگەندەك بەزى چەكلىمىلەرگە دۇچار بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. %8 ى بولسا، ئاياللارنىڭ گىرىم قىلىشىنىڭمۇ مەجبۇرىي ھالغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ياپونىيەدىكى ھەر 10 شىركەتتىن بىرسىدە ئاياللارنىڭ ئۇزۇن پاشنىلىق ئاياغ كېيىشى مەجبۇرىي ھالغا كەلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن تەتقىقات نەتىجىسىدە يەنە، كېيىم كېچەك بەلگىلىمىلىرىنىڭ مېھمانخانا ۋە رېستورانتلاردا %87 گىچە ئىجرا قىلىىدىغانلىقى، مالىيە ۋە سىغورتا ساھەسىدە بولسا، بۇ نىسبەتنىڭ %77 ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ياپونىيەدە باشقۇرغۇچى سالاھىيىتىدىكى ئاياللار نىسبىتىنىڭ %13 ئىكەنلىكى، ئەر خادىملارنىڭ %11 نىڭ شىم كاستوم كېيىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقى ئوقتۇرۇلدى.

ياپونىيە ئىشچى ئۇيۇشمىلىرى فېدېراتسىيەسىنىڭ بىر مەسئۇلى «ياپونىيە ۋاقتى گېزىتى» گە بەرگەن باياناتىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللار ئۈچۈن ئايرىم ئايرىم كېيىم كېچەك بەلگىلىمىسى يولغا قويۇشنىڭ جىنسىي ئايرىمچىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ياپونيەدە ئاياللارنىڭ كېيىم - كېچەك بەلگىلىمىلىرى ھەققىدە ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن فېۋرال ئېيىدا مەخسۇس سەپەرۋەرلىكلەر باشلانغان ئىدى. بۇ دائىرىدە، 31 مىڭدىن ئارتۇق كىشى كېيىم كېچەك بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى ئۈچۈن باشلانغان ئىمزا توپلاش پائالىيىتىگە ئىشتراك قىلغان ئىدى.

بەزى خوجايىنلارنىڭ ئاياللارنى ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كېيىشكە مەجبۇرلىشىغا ئاياللار قارشى چىققان بولۇپ، ياپونىيە سەھىيە ۋە ئەمگەك، مۇلازىمەت ئىشلىرى مىنىستىرى تاكۇمى نېموتو بولسا، ئاياللارنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كېيىشىنىڭ تولىمۇ مۇناسىپ ۋە كېرەكلىك ئىش ئىكەنلىكى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان ئىدى. 

ياپونىيەدە بەزى شىركەتلەرنىڭ ھەتتا ئايال خادىملارنىڭ كۆز ئەينەك تاقىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرمۇ دۆلەت مىقياسىدا تالاش تارتىش ياراتقان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر