خىتايدا كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
خىتاينىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بىر كۆمۈر كاندا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1308697
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەتنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان شەيشى ئۆلكىسىنىڭ پىڭياۋ ناھىيەسىدىكى 35 ئادەم ئىشلەيدىغان بىر كۆمۈر كاندا پارتلاش يۈز بېرىپ، 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، يارىلانغان 9 كىشى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. پارتلاشتىن كېيىن ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.