پومپېيو ياۋروپانى قولغا چۈشكەن دائېشچىلارنى قوبۇل قىىلشقا چاقىردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ياۋروپا دۆلەتلىرىنى قولغا چۈشكەن ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ پۇقراسى بولغان دائېشچىلارنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى.

1306935
پومپېيو ياۋروپانى قولغا چۈشكەن دائېشچىلارنى قوبۇل قىىلشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى بىرلەشمە قىسىمنىڭ مىنىستىر سەۋىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنى تۈنۈگۈن (14-نويابىر) ۋاشىنگتوندا باشلاندى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا: «بىرلەشمە قىسىم ئەزالىرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ پۇقراسى بولغان مىڭلارچە دائېشچىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. قىلغان ۋەھشىيلىكلىرىدىن جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ بىرلەشمە قىسىم ئەزالىرىنى دائېشقا قارشى تۇرۇش جەريانىدا زىيانغا ئۇچرىغان ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ ئۇل-ئەسلىھەلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا دەۋەت قىلدى ۋە مىليونلارچە مۇساپىرنىڭ يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشى ئۈچۈن بۇ مۇساپىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ دائېشنىڭ چوڭ جەھەتتىن ئېيتقاندا يوقىتىلغانلىقىنى، ئەمما تەھدىت پەيدا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بولۇپمۇ شىمالىي ئافرىقا ۋە سەھرايى كەبىر چۆلى ئەتراپىدا قايتا تەشكىللىنىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ دائېشقا قارشى كۈرىشىنى بايان قىلدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ ھەر تۈرلۈك تېررورلۇققا قارشى قەتئىيلىك بىلەن ئۇرۇش قىلغانلىقىنى ۋە بۇ كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بىرلەشمە قىسىمغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىندىن بۇرۇن بىرلىكتە رەسىمگە چۈشتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر