لىنسىي گىراھام ئامېرىكادا ئاتالمىش ئەرمېنىي قىرغىنچىلىقىغا دائىر قانۇن تەكلىپىنى توسۇپ قالدى

ئامېرىكادا جۇمھۇرىيەتچىلەر پالاتا ئەزاسى لىنسىي گىراھام ئاتالمىش 1915 – يىلىدىكى ئەرمەن ۋەقەلىرىنىڭ پالاتادا «قىرغىنچىلىق» دەپ قوبۇل قىلىنىشىنى نىشان قىلغان قانۇن تەكلىپىنىڭ ئاۋازغا قويۇلۇشىنى توسۇپ قالدى.

1306306
لىنسىي گىراھام ئامېرىكادا ئاتالمىش ئەرمېنىي قىرغىنچىلىقىغا دائىر قانۇن تەكلىپىنى توسۇپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پالاتاسىدا دېموكراتچىلار پالاتا ئەزاسى بوب مېنېندېز ئاتالمىش ئەرمەن قىرغىنچىلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىر قانۇن تەكلىپىنى پالاتا ئومۇمىي كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇش تەكلىپى سۇنغان ئىدى. بىراق، جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزاسى لىنسىي گىراھام قارشى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق ئاۋازغا قويۇشنى توسۇپ قالدى.

لىنسىي گىراھام: «تۈركىيە بىلەن ئەرمېنىيەنىڭ بىر ئۈستەلگە كېلىپ، بۇ مەسلىنى (1915يىل ۋەقەلىرىنى) مۇزاكىرە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. پالاتا ئەزالىرى تارىخنى قايتىدىن يازماسلىقى ۋە ئۇنى ئەسلى ھالىتىدىن باشقىچە قىلىپ كۆرسەتمەسلىكى لازىم» دېدى.

لىنسىي گىراھام ئۆتمۈشكە قاراپ ئەمەس، تۈركىيە ئامېرىكا مۇناىسۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسىگە قاراپ، بۇ تەكلىپكە قارشى تۇرۇش قارارىغا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

لىنسىي گىراھامنىڭ بۇ قارارىنى ئېلان قىلىشى، ئاقسارايدا ئەردوغان بىلەن بەزى جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزالىرى قاتناشقان يىغىندىن بىر قانچە سائەت كېيىن كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئامېرىكا پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلىدىغان قانۇن تەكلىپىنى ھەر قانداق بىر پالاتا ئەزاسىنىڭ قارشى پىكىر بىلدۈرۈشى بىلەن توسۇپ قالغىلى بولىدۇ.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى بولسا، 29ئۆكتەبىردىكى ئاۋازغا قويۇشتا، 1915 - يىلىدىكى ئەرمەن ۋەقەلىرىنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قارار تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر