ئافغانىستاندا ناتو ئەسكەرلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئافغانىستاننىڭ لوگار ۋىلايىتىدە ئېلىپ بېرىلغان خاتا  ھاۋا ھۇجۇمىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەسكەرلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

1305045
ئافغانىستاندا ناتو ئەسكەرلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لوگار ۋىلايەتلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لوگارنىڭ پۇلى ئالەم شەھىرىدە تالىبانغا قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا خاتا ھالدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەسكەرلىرى ھۇجۇم  نىشانى قىلىنغان، بۇنىڭ نەتىجىسىدە 4 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلغان، 6 سى يارىلانغان، ۋەقەدىن كېيىن تەكشۈرۈش باشلانغان بولۇپ، ھۇجۇمنى ئافغانىستان ئارمىيەسى ئېلىپ بارغانمۇ؟ ياكى چەت ئەل كۈچلىرى ئېلىپ بارغانمۇ؟ تېخىچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترىتى لوگار ۋىلايىتىدىكى «كامپ شىڭ» رايونىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

لوگار ۋىلايەتلىك كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاسىم سىددىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى تېخىچە ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن ھۇجۇم يۈز بەرگەن جايغا بارىدىغان يوللار تاقالغان.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان، ئافغانىستاندىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرىمۇ بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر