ترامپ: مورالېسنىڭ ئىستېپاسى غەربىي يېرىم شارنىڭ دېموكراتىيەسى ئۈچۈن مۇھىم

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، بولىۋىيە پىرېزىدېنتى ئېۋو مورالېسنىڭ ئارمىيەنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى توغرىسىدا توختىلىپ، «مورالېسنىڭ ئىستېپاسى غەربىي يېرىم شارنىڭ دېموكراتىيەسىگە نىسبەتەن مۇھىم بىر ۋەقەدۇر» دېدى.

1304967
ترامپ: مورالېسنىڭ ئىستېپاسى غەربىي يېرىم شارنىڭ دېموكراتىيەسى ئۈچۈن مۇھىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، بولىۋىيە پىرېزىدېنتى مورالېسنىڭ ئىستېپاسىنىڭ غەربىي يېرىم شارنىڭ دېموكراتىيەسىگە نىسبەتەن مۇھىم بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «14 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان بولىۋىيە ئاساسىي قانۇنى ۋە خەلقىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن مورالېسنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى دېموكراتىيەنى قوغداپ قالدى ۋە بولىۋىيە خەلقىنىڭ ساداسىنى ئاڭلىتىشى ئۈچۈن يېڭى بىر يول ئاچتى» دېدى.

«ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولىۋىيە خەلقىنى ئەركىنلىك تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋە بولىۋىيە ئارمىيەسىنى پەقەت بىرلا ئادەمنىڭ ئەمەس، بولىۋىيە ئاساسىي قانۇنىنى قوغداش ۋەدىسىگە ۋاپا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئالقىشلايدۇ» دېگەن دونالد ترامپ، بولىۋىيەدىكى بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ۋېنېزۇئېلا ۋە نىكاراگۇادىكى «قانۇنسىز تۈزۈملەر» گە نىسبەتەن سىگناللىق رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «نۆۋەتتە پۈتۈنلەي دېموكراتىك، باياشات ۋە ئەركىن بىر غەربىي يېرىم شارغا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتۇق» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر