دائېشنىڭ قۇرغان تۇزىقىدا نۇرغۇن ئىراق ئەسكىرى ئۆلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى دىيالە ۋىلايىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ قۇرغان تۇزىقىغا چۈشكەن 4 ئىراق ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ھەربىي مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراق ئارمىيەسىدىن بىر ئەترەت ھانىكىن ناھىيەسگە قاراشلىق قاراتەپە رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ قۇرغان تۇزىقىغا چۈشكەن، بۇ ئارىلىقتا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 4 ئىراق ئەسكىرى ئۆلگەن، 7 سى يارىلانغان.
ۋەقەدىن كېيىن نەق مەيدانغا زاپاس قىسىم ئەۋەتىلگەن.
تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش 2014 – يىلى ئىيۇن ئېيىدا مۇسۇل قاتارلىق ئىراق تېرروتېرىيەسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغانىدى.
ئىراق دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى 2017 – يىىل دېكابىردا مەزكۇر تېرروتېرىيەنىڭ كۆپ قىسمىنى قايتۇرۇۋالغانىدى.
ئىگىلىنىشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش رايوندىن چىقىرىلغان ۋە ھەرقايسى شەھەرلەر قايتۇرۇۋېلىنغان بولۇشىغا قارىماي بولۇپمۇ كەركۈك، دىيالە، مۇسۇل، سالاھىدىن ۋە ئەنبار ۋىلايەتلىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا – قىشلاقلىرىدا دائېشنىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.