ترامپ ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، 14 – نويابىردا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشىدۇ.

1303474
ترامپ ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي بايانات بېرىپ، ئىككى رەھبەرنىڭ ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە چىقىملىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە يۈكنى ئادىل تەقسىملەپ ئادا قىلىش مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا، ترامپنىڭ يەنە، ناتو ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ 5گ تورلىرىنىڭ ۋە ھالقىلىق ئۇل – ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى، تور ھۇجۇملىرىغا قارشى تۇرۇش كۈچىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا دائىر مەسىلىلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر