ياۋروپا ئىتتىپاقى: ئىراننىڭ پىلانى ئەندىشە پەيدا قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىراننىڭ «يادرو كېلىشىمى» دىكى ئەھدىلىرىنى ئازايتىش پىلانىنىڭ ئەندىشە  پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1301415
ياۋروپا ئىتتىپاقى: ئىراننىڭ پىلانى ئەندىشە پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باياناتچىسى ماجا كوسىچچانچىچ كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان «ئىران <يادرو كېلىشىمى> دىكى ئەھدىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئازايتىدۇ» تەرىقىسىدىكى باياناتىدىن كېيىن، ئەنسىرەشكە باشلىغانلىقلىرىنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «يادرو كېلىشىمى» دىن ئايرىلىشى ۋە ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە باشلىغان بولۇشىغا قارىماي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەھدىلىرىگە ۋاپات قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىراننى <يادرو كېلىشىمى> دىكى ئەھدىلىرىگە خىلاپ بولغان بارلىق پائالىيەتلىرىنى توختىتىشقا، <يادرو كېلىشىمى> نى قوغداشقا ۋە كېلىشىمنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرىمىز. ئىران <يادرو كېلىشىمى> گە رىئايە قىلغان تەقدىردە، ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئەھدىلىرىگە داۋاملىق ۋاپا قىلىدۇ.»

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرى «يادرو كېلىشىمى» گە ئالاقىدار ئەھدىلىرىگە ۋاپات قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك، تۆتىنچى قەدەم سۈپىتىدە بۈگۈندىن ئېتىبارەن قۇم شەھىرىدىكى «‹فوردو› يادرو مۇئەسسەسەسى » دىكى 1044 مەركەزدىن قاچۇرۇش ماشىنىسىغا گاز بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر