ترامپ: «رىياد كېلىشىمى» ناھايىتى ياخشى باشلانغۇچ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ «رىياد كېلىشىمى» نىڭ ناھايىتى ياخشى باشلانغۇچ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1301095
ترامپ: «رىياد كېلىشىمى» ناھايىتى ياخشى باشلانغۇچ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قوللاۋاتقان جەنۇبىي ۋاقىتلىق كېڭىشى ئوتتۇرىسىدا كىرىزىسنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ھاسىل قىلىنغان «رىياد كېلىشىمى» ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ناھايىتى ياخشى بىر باشلانغۇچ بولۇپ، ھەممە ھەل قىلغۇچ كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تىرىشىشى لازىم.»

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قوللاۋاتقان جەنۇبىي ۋاقىتلىق كېڭىىشىگە قاراشلىق «ھىزام ئەمنى» قىسىملىرى 10 – ئاۋغۇست كۈنى ۋاقىتلىق پايتەخت ئەدەننى، كېيىنچە ئەبيەن ۋە شەبۋەنى كونتىرول ئاستىغا ئالغانىدى.

رايوندىكى توقۇنۇشلار نەتىجىسىدە ھۆكۈمەت كۈچلىرى مەزكۇر شەھەرلەرنى قايتىدىن قولغا كىرگۈزگەن، بىراق ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ئەدەن بىلەن ئەبيەننىڭ مەركىزىي ناھىيەسى زەنجىبار تەكرار جەنۇبىي ۋاقىتلىق كېڭىشىگە قاراشلىق كۈچلەرنىڭ كونتىروللۇقىغا ئۆتكەنىدى.

جەنۇبىي ۋاقىتلىق كېڭىشىنىڭ ئەدەن ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ۋىلايەتلەرنى قولغا كىرگۈزۈشىدىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان كېڭەش بىلەن ھۆكۈمەتنى دىيالوگ ئورنىتىشقا چاقىرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر