كونگودا كېمە كۆمتۈرۈلۈپ كېتىپ نۇرغۇن ئادەم يوقاپ كەتتى

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي قىسمىدا بىر كېمىنىڭ كۆمتۈرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 11 كىشى يوقاپ كەتتى.

1300726
كونگودا كېمە كۆمتۈرۈلۈپ كېتىپ نۇرغۇن ئادەم يوقاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇگاندانىڭ كىتېبېرې شەھىرىدىن يولغا چىققان 22 كىشىلىك سودا كېمىسى، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىيۇرى ۋىلايىتىدىكى ئالبېرت كۆلىدە شىددەتلىك بوران سەۋەبىدىن كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەن. ۋەقەدە كېمىدىكى 4 ى ئايال بولۇپ، جەمئىي 11 كىشى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى ئەترەتلىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان. 11 ى بولسا يوقاپ كەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر