چىلىدا نامايىشلار 18-كۈنىگە قەدەم قويدى

چىلىدا 23 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە ۋە 1200 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار 18 كۈندىن بۇيان توختىماي داۋاملاشماقتا.

1300357
چىلىدا نامايىشلار 18-كۈنىگە قەدەم قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چىلى پايتەختى سانتىياگودا مىڭلارچە كىشى ئوخشىمىغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ۋە ھەر قايسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلانىڭ چاقىرىقى بىلەن «ئالاھىدە دۈشەنبە» نامىدا نامايىش ئۆتكۈزمەكتە.

چىلى پىرېزىدېنتلىق سارىيى «لا مونېدا» ئەتراپىدا توپلانغان نامايىشچىلار، تۈنۈگۈن (4-نويابىر) ئىتالىيە مەيدانىنى تولدۇردى.

چىلى تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، بەزى جايلاردا نامايىشچىلار بىلەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن. ساقچىلار ئۆزلىرىگە قاتتىق جىسىملارنى ئاتقان نامايىشچىلارغا سۇ چېچىپ، ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقان. ئىككى ئايال ساقچى ئېتىلغان مولوتوفتىن يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا داۋالىنىش ئاستىغا ئېلىنغان.

نامايىشلار سانتىياگودىن باشقا كونسېپسىيون (Concepcion) ۋە ۋالپارايسو (Valparaiso) قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ ئۆتكۈزۈلمەكتە.

چىلىدىكى نامايىشلار، 2019-يىلى 6-ئۆكتەبىر پايتەخت سانتىياگودا كۈنىگە 3 مىليوندىن ئارتۇق كىشى سەپەر قىلىدىغان مېترو باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى بىلەن باشلانغان بولۇپ، 18-ئۆكتەبىردە تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، نۇرغۇن شەھەرلەرگە كېڭەيگەن ۋە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ۋەقەلىرىگە سەۋەب بولغان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر