سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى بىر ئۇچقۇچىسىز تىك ئۇچارنى ئېتىپ چۈشۈردى
سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئەين ئىسا بازىرىغا يېقىن جايدا بىر ئۇچقۇچىسىز تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى ئەسكەرلىرى، تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن چارلاش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئەسكەرلەر م-4 تاش يولى بويىغا جايلاشقان بىئر ئاسى يېزىسىدىكى چارلاش خىزمەتلىرى ئەسناسىدا ي پ گ / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بولسا كېرەك، دەپ قارىغان بىر ئۇچقۇچىسىز تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك، تەشكىلاتنىڭ تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىن چېكىنىشىنى مەزمۇن قىلغان تۈركىيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 17 – ئۆكتەبىردىكى كېلىشىمىگە قارىماي، تەل ئابياد ۋە رەسۇلەين ناھىيەلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
تېررورلۇق تەشكىلاتى مەزكۇر ھۇجۇملىرىدا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىدىن ئاكتىپ پايدىلانماقتا.