ستولتېنبېرگ: ناتونىڭ ھېچبىر ئەزاسى تۈركىيەچىلىك تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ باقمىدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، ناتوغا ئەزا ھېچبىر دۆلەتنىڭ تۈركىيەچىلىك تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى.

1299130
ستولتېنبېرگ: ناتونىڭ ھېچبىر ئەزاسى تۈركىيەچىلىك تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ باقمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېنس ستولتېنبېرگ «بىلد ئام سونتاگ» گېزىتىغا بايانات بېرىپ، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى زوراۋانلىقنىڭ پەسكويغا چۈشۈشكە باشلىغانلىقىنى، بۇنىڭ مەسىلىگە سىياسىي چارە تېپىش تىرىشچانلىقلىرىغا يول ئېچىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا «بۇ يەردە تۈركىيەنىڭ مۇھىم بىر ئىتتىپاقداش ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىش كېرەك. دائېشقا قارشى كۈرەشتە ۋە ئاتالمىش خەلىپىلىكنىڭ ئەمەلىي جەھەتتىن ئاغدۇرۇلۇشىغا تۈركىيە كۈچلۈك تۆھپە قوشتى. ھېچبىر ئىتتىپاقداش تۈركىيەچىلىك سۈرىيەلىك مۇساپىرنى قوبۇل قىلمىدى. تۈركىيە 3 مىليون 600 مىڭ سۈرىيەلىكنى قوبۇل قىلدى ۋە ناتوغا ئەزا ھېچبىر دۆلەت تۈركىيەچىلىك تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىمىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، گېزىتنىڭ، گېرمانىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئانېگرېتنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا خەلقئارالىق بىخەتەر رايون قورۇش تەكلىپى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋابەن، تەكلىپكە قىزغىن قارىغانلىقىنى، بىراق بۇ مەسىلىدە دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ سۈرىيەدىكى زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن جاۋابكارلىقى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىش توغرىسىدا قارار چىقىرىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن يېنس ستولتېنبېرگ، مەزكۇر تەكلىپنىڭ ئىجرا قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ناتونىڭ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پىكىرلىرىنى ئوچۇق – ئاشكارا ۋە ئەستايىدىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويىدىغان بىر مۇنبەر ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر