خوڭكوڭدا 4 كۈن ئىچىدە 249 كىشى تۇتقۇن قىلىندى

خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۈشەنبە كۈنىدىن پەيشەنبە كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا 249 كىشى تۇتقۇن قىلىندى.

1298714
خوڭكوڭدا 4 كۈن ئىچىدە 249 كىشى تۇتقۇن قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، خوڭكوڭ ساقچىلىرى 13 ياشتىن 61 ياشقىچە بولغان، 74 ى ئايال بولۇپ، جەمئىي 249 كىشىنى قانۇنسىز نامايىش قىلىش، يېنىدا قورال ساقلاش، ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش، نامايىشلاردا ماسكا تاقاشنى چەكلەش قانۇنىغا بويسۇنماسلىق قاتارلىق ئەيىبلەشلەر بىلەن نازارەتكە ئالغان. 

ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، نامايىشچىلارنىڭ موڭكوك رايونىدا توپلىشىپ، توساقلارنى قۇرغانلىقى ۋە ياققان گۇلخانلىرىنى ئۆچۈرۈشكە تىرىشقان ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا ئىچى پارتلاتقۇچ ماددىلار بىلەن تولدۇرۇلغان ۋە ئاليومىن قەغەز بىلەن ئورالغان سومكىلار بار، بىر ئاپتوموبىلنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ساقچىلار ئەگەر پارتلىغان تەقدىردە چوڭ ۋەيرانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولغان بۇنداق ئاپتوموبىلنىڭ خوڭكوڭدىكى نامايىشلار چەريانىدا تۇنجى قېتىم بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر