چىلى ئىككى چوڭ خەلقئارالىق يىغىننى ئەمەلدىن قالدۇردى

چىلى ھۆكۈمىتى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان توختىماي داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلار سەۋەبىدىن ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى تەرەپلەر كونفېرانسى(COP25) ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رەھبەرلەر يىغىنى (APEC)نى ئەمەلدىن قالدۇردى.

1297569
چىلى ئىككى چوڭ خەلقئارالىق يىغىننى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چىلى پىرېزىدېنتى سېباستىيان پىنىغا (Sebastian Pinera) ئىككى ھەپتىدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن چىلىدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى تەرەپلەر كونفېرانسى ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

چىلى پىرېزىدېنتى سېباستىيان پىنىغا لا مونېدا (La Moneda) سارىيىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۇ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارغا ئايلانغان نامايىشلار ئۈستىدە توختىلىپ: «ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق ئىچىدە دېمەكچىمىزكى، بۇ چىلى ئۈچۈن ئېيتقاندا، كىشىنى ناھايىتى بىئارام قىلىدىغان ئەھۋال. ھۆكۈمىتىمىز ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى تەرەپلەر كونفېرانسى ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رەھبەرلەر يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلماسلىقنى قارار قىلدى. بۇ ئىككى يىغىنغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلغان مەسىلىلەرنى ۋە بىئاراملىقلارنى چوڭقۇر چۈشىنىمەن، بۇنىڭدىن قايغۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈرمەكچىمەن» دېدى.

ئۇ مەزكۇر قارارنىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردا چىلى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان مەسىلىنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىنى، پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە ئىجتىمائىي تىنچلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، بۇنىڭدىن بۇرۇن يولغا قويۇلغان ئىقتىسادىي ياردەم پىلانىنىڭ كېڭەيتىلىدىغانلىقىنى ۋە خەلقنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىش ئۈچۈن دىيالوگ مۇساپىسىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ نويابىردا، ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى تەرەپلەر كونفېرانسىنىڭ دېكابىردا چىلىدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان ئىدى.

چىلىدا يېقىنقى كۈنلەردە دۇچ كەلگەن ۋە ئەڭ چوڭ كىرىزىسقا ئايلانغان نامايىشلار داۋام قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر