ب د ت: سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى مەسىلىسىدە پۇرسەتنى قاچۇرماسلىق كېرەك

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى دائىرىسىدە بىر يەرگە جەم بولىدىغان سۈرىيە ھۆكۈمىتى، ئۆكتىچىلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىنى پۇرسەتنى قاچۇرماسلىققا چاقىردى.

1297194
ب د ت: سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى مەسىلىسىدە پۇرسەتنى قاچۇرماسلىق كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بايانات ئىشلىرى باشقارمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، گۇتېررېس، بۈگۈن سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە يىغىن چاقىرىشىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «سۈرىيە ھۆكۈمىتى، سۈرىيە سۆھبەت ھەيئىتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار تۇنجى قېتىم بىر يەرگە جەم بولۇپ، سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيەگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن سىياسىي جەھەتتىن تۇنجى قەدەم تاشلايدۇ. سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىدىكى ئايال ۋەكىللەرنىڭ % 30 نى تەشكىل قىلىشىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن. بارلىق تەرەپلەر ياخشى نىيەت بىلەن خىزمەت ئىشلەپ، پۇرسەتنى قاچۇرماسلىقى لازىم. سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئاكتىپ قوللاش كېرەك. سۈرىيە مىقياسىدا توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىلىشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى گېير پېدېرسېنغا، ئاساسىي قانۇن كومىتېتى پائالىيەتلىرىنى پائال قانات يايدۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر