ناتو تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 96 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 96 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

1296545
ناتو تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 96 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق تارقاتقان تەبرىك تېلېگراممىسىدا، «ئىتتىپاقداش دۆلەت تۈركىيەنىڭ جۇمھۇرىيەت بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!» دەپ يازدى.

تۈركچە «29 – ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى» ۋە ناتونىڭ شوئارى بولغان «بىز ناتومىز» دېگەن ھاشتاگ بىلەن ئورتاقلىشىلغان تەبرىك تېلېگراممىسىدا، ناتونىڭ سۇ ئاستى قۇتقۇزۇش مانېۋىرىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر تۈرك دېڭىز ئوفېتسىرىنىڭ ھېكايىسىگە ئورۇن بېرىلدى.

ناتوغا قۇرۇلۇشىدىن كېيىنلا – 1952 – يىلى ئەزا بولغان تۈركىيە، ئىتتىپاققا ئۇنىڭ ئىككىنچى چوڭ ئارمىيەسى سۈپىتىدە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر