نىيۇ يورك شەھىرىنىڭ 5 ئايرىم يېرىگە بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ھەممىنى چۆچۈتتى

ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە 5 ئايرىم ئوت ئۆچۈرۈش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش مەركەزلىرىگە بومبا بىلەن تەھدىت سېلىندى.

1295815
نىيۇ يورك شەھىرىنىڭ 5 ئايرىم يېرىگە بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ھەممىنى چۆچۈتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىيۇ يورك ساقچى ئىدارىسى مەنبە كۆرسىتىلگەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، مانھاتتان رايونىدىكى 5 ئايرىم ئوت ئۆچۈرۈش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش مەركەزلىرىگە يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 15:30 ئەتراپىدا بومبا بىلەن تەھدىت سېلىنغان.

تەھدىت خەۋىرىدىن كېيىن ساقچىلار مۇناسىۋەتلىك بىنالارنى قىسقا ۋاقىتلىق بېكارلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى باياناتچىسى جەمېس لوڭ: «مۇناسىۋەتلىك مەركەزلەرگە سېلىنغان تەھدىتلەر تەكشۈرۈلدى. بومبا خەۋىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكى بايقالدى. ۋەقەدە يارىدار بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى» دېدى.

نىيۇ يورك ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى ئېلان قىلغان باياناتتىمۇ، تەھدىتلەرگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر