تەل ئابيادتا موتوسىكلېت بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

سۈرىيەنىڭ تۈركىيە چېگراسىدىكى تەل ئابياد ناھىيەسى تاغلىق رايونىدىكى بىر بازاردا موتوسىكلېت بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 3 نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 5 پۇقرا يارىلاندى.

1295487
تەل ئابيادتا موتوسىكلېت بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك دىن ئازاد قىلىنغان تەل ئابياد ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىي تاغلىق رايونىدىكى ئەين ئارۇس يېزىسىدىك بازاردا موتوسىكلېت بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى؛ پارتلاشتا يارىلانغان 3 نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 5 پۇقرا، سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى خادىملىرى تەرىپىدىن ئەڭ يېقىن جايدىكى سەھىيە مەركىزىگە ئېلىپ بېرىلدى.

پارتلاش ئەتراپتىكى دۇكان ۋە ئاپتوموبىللارغا زىيان يەتكۈزدى. رايونغا يېتىپ بارغان سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى خادىملىرى، ھۇجۇمنى ي پ گ / پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ سادىر قىلغان بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى قەيت قىلدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك، تەشكىلاتنىڭ تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىن چېكىنىشى توغرىسىدا تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارىسىدا 17 – ئۆكتەبىردە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان بولۇشىغا قارىماي، تەل ئابياد ۋە رەسۇلەين ناھىيەلىرى بىلەن ئەتراپىدىكى جايلاردا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.


خەتكۈچ: #سۈرىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر