ترامپ سۈرىيەنىڭ شەرقىدە 200 ئەسكەر قالدۇرۇشنى ئويلاشماقتا ئىكەن

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سۈرىيەنىڭ شەرقىدە 200 ئەتراپىدا ئەسكەر قالدۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1291597
ترامپ سۈرىيەنىڭ شەرقىدە 200 ئەسكەر قالدۇرۇشنى ئويلاشماقتا ئىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سۈرىيەنىڭ شەرقىدە 200 ئەتراپىدا ئەسكەر قالدۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكادا چىقىدىغان نىيۇ يورك تايمېس گېزىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، پىرېزىدېنت ترامپ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون، بەش بۇرجەكلىك بىنا) نىڭ سۈرىيەنىڭ شەرقىدە 200 ئەتراپىدا ئەسكەر قالدۇرۇش تەكلىپ قىلىنغان پىلانىنى قوبۇل قىلىدىكەن.

خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، مەزكۇر پىلاننىڭ ئىككى سەۋەبى بار بولۇپ، بىرىنچىسى دائېشقا قارشى تۇرۇش؛ ئىككىنچىسى، سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى نېفىت رايونلىرىنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن رۇسىيەنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئىكەن.

ئەگەر بۇنداق بولسا، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تەخمىنەن 1000 ئەتراپىدىكى بارلىق ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغىنىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان پىرېزىدېنت ترامپ، ئىككىنچى «سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش» مەسىلىسىدە كەينىگە قەدەم تاشلىغان بولىدۇ.

پىرېزىدېنت ترامپ 2018-يىلى دېكابىر ئېيىدا ئىككى مىڭ ئەتراپىدىكى ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ دەرھال چېكىنىش قارارىنى بىلدۈرگەن ۋە ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا قارارىنى بوشاشتۇرۇپ، ۋاقىتقا قارىتا پەيدىنپەي ئەسكەر سانىنى ئازايتىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرگەن ئىدى.

پىرېزىدېنت ترامپ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تۇرۇۋاتقان مىڭ ئەتراپىدىكى ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ چېكىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مايك ئېسپېرمۇ بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئىراقنىڭ غەربىگە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىدى.

سۈرىيەنىڭ ئەل تانف رايونىدا ھازىرمۇ ئامېرىكانىڭ 125 ئەسكىرى بار. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ئەسكەرلەرنىڭ چېكىنمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر