7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ترامپنىڭ مېھمانسارىيىدا چاقىرىلىدۇ
2020 – يىلقى 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ مىئامى شەھىرىدىكى مېھمانسارىيىدا چاقىرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
1290441
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي مەخسۇس كاتىپى ماك بۇلۋانېي بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 2020 – يىلى 10 – 12 – ئىيۇن كۈنلىرى چاقىرىلىدىغان 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ مىئامى شەھىرىدىكى مېھمانسارىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى، يىغىندا كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.