ئافغانىستاندا ئايروپىلان قازاسىدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى مەزار شەرىف شەھىرىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە بىر ئۇچۇچى بىلەن 6 ئەسكەر قازا قىلدى.

1288842
ئافغانىستاندا ئايروپىلان قازاسىدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى 209 – كورپۇس قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتچىسى مۇھەممەد ھانىف رەزائىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، « MI-17 » تىپلىق ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان مەزار شەرىف شەھىرىنىڭ دوراھى خەيرەتان رايونىدا قوزغىلىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي چۈشۈپ كەتكەن. تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن قازادا، بىر ئۇچقۇچى بىلەن 6 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر